ياۋروپا ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىلىرىغا F-16 لارنى ئىشلىتىشنى ئۆگىتىشنى باشلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل پولشا قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتتە ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىلىرىنى F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىش بويىچە مەشىقلەندۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1989831
ياۋروپا ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىلىرىغا F-16 لارنى ئىشلىتىشنى ئۆگىتىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جوسېپ بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا كىرىشتىن ئىلگىرى مەتبۇئاتقا بايانات بەردى.

«ناھايەت ئۇكرائىنالىق ئۇچقۇچىلارنى F-16 كۈرەش ئايروپىلان ئىشلىتى بويىچە تەربىيەلەشنىڭ باشلىغانلىقىدىن خۇشالمەن» دېگەن بوررېل، بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، ئەمما قانچە تېز تاماملانسا، شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بوررېل مەشىقنىڭ بىر قانچە دۆلەتتە باشلانغانلىقىنى، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرىنىڭ پولشا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى قورال- ياراغ ۋە ئوق- دورا بىلەن تەمىنلىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلۇشى پىلانلانغان بىرلەشمە سېتىۋېلىش مۇساپىسىنىڭ قايسى باسقۇچتا ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا «بۇ خىزمەتلەر ئىلگىرىلەۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىلىشىنىڭ يولى ئېچىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر