پېسكوۋ: ئۇكرائىناغا ئايروپىلان بېرىش ئالدىنقى سەپتىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىرىي پېسكوۋ ئۇكرائىنانى F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى ۋەزىيەتتە نېگىزلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1989875
پېسكوۋ: ئۇكرائىناغا ئايروپىلان بېرىش ئالدىنقى سەپتىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا ئۇكرائىنانى F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى بىلەن تەمىنلەش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ خەتەر ناھايىتى ئېنىق. تەمىنلىنىۋاتقان ئىلغار قورال سىستېمىلىرى ۋە تىپلىرىنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئايروپىلانلارنىڭ بېرىلىشىمۇ قارار قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. باشقا قوراللارغا ئوخشاش، بۇلارمۇ ئالدىنقى سەپتىكى ۋەزىيەتتە تۈپتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ» دېدى.

پېسكوۋ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچلۈك شەكىلدە توقۇنۇشقا ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىمىترى پېسكو ئۇكرائىنا بۇزغۇنچىلىق سېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ بېلگورود رايونىغا كىرىشى توغرىسىدا بولسا: «يۈز بەرگەن ئىشلار چوڭقۇر ئەندىشە پەيدا قىلدى. بۇ ئۇكرائىنا قوراللىقلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە قارشى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. بۇ ئەھۋال بىزدىن زور كۈچ تەلەپ قىلىدۇ. كەلگۈسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز، ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتلەرمۇ داۋاملاشماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر