نىگېرىيەدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 87 كىشى قازا قىلدى

نىگېرىيە ساقچىلىرى پلاتېئۇ ئۆلكىسىدە 15-مايدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 87 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1988727
نىگېرىيەدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 87 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پلاتېئۇ ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئالابو ئالفرېد 15-مايدا فۇڭزاي ۋە كۇبيات يېزىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 87 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 39 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئالفرېد يارىلانغانلارنىڭ ئۆلكىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى  بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمغا چېتىشلىق 7 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.  

ئالفرېد قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كېرەكلىك تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سوتقا چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پلاتېئۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق  فۇڭزاي ۋە كۇبيات يېزىلىرىدا 15-مايدا كەچتە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن ئىدى.

مۋاگاۋۇل تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جوسېف گۋانكات ھۇجۇمدا 125 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

دۆلەت مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە تەخمىنەن 20 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ، چېركاۋ، مەكتەپ ۋە ئوچۇق يەرلەردە پاناھلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.  

ھۇجۇمدىن كېيىن، ئۆلكىدە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 24 سائەتلىك كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر