جو بايدىن بىلەن كىشىدا فۇمىئۇ يەتتە دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ياپونىيەگە بارغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن باش ۋەزىر كىشىدا فۇمىئۇ بىلەن كۆرۈشتى.

1988344
جو بايدىن بىلەن كىشىدا فۇمىئۇ يەتتە دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ياپونىيەگە بارغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ساھىبخان دۆلەت باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

بايدىن ئۇچرىشىشتا، كىشىدانىڭ يانۋاردىكى ۋاشىنگتون زىيارىتى جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان «دۇنيا يېقىنقى مەزگىللەردە ئەڭ مۇرەككەپ بىخەتەرلىك مۇھىتىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ سۆزنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن: «دۆلەتلىرىمىز بىرلەشسە، بىز تېخىمۇ كۈچلۈك بولىمىز ۋە شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، شۇنداق قىلغاندا، پۈتكۈل دۇنيا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ» دېدى.

كىشىدامۇ ياپونىيە - ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ياپونىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىخەتەرلىك بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان، ھەر قايسى ساھەلەرگە كېڭەيگەن كۆپ قاتلاملىق كۈچلۈك مۇناسىۋەت. خىروشىما باشلىقلار يىغىنىدا، مەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان ئەركىن ۋە ئوچۇق – ئاشكارا خەلقئارا تەرتىپنى قوللاش جەھەتتىكى نىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى نامايان قىلماقچىمەن» دېدى.

سۆھبەت جەريانىدا، ئىككى رەھبەر يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى جەھەتتىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋانمۇ خىتايغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 1945 - يىلى 6 – ئاۋغۇستتا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرى 19 - مايدىن 21 - مايغىچە «2023 – يىللىق يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى»غا ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييارلانماقتا.

ياپونىيە رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا، قائىدىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك، ھىندى - تىنچ ئوكيان، رۇسىيە - ئۇكرائىنا كىرىزىسى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ۋە يېڭى ۋەدىلەر بېرىلىدۇ.

جو بايدىنمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان ئېچىلىش مۇراسىمى جەريانىدا، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خىروشىما تىنچلىق خاتىرە مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، گۈلچەمبىرەك قويۇش ۋە كۆچەت تىكىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر