رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى دەلىللىدى

رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا دائىرىلىرى قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ 18-ئىيۇلغىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

1988109
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى دەلىللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

زاخاروۋا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ يەنە ئىككى ئاي ئۇزارتىلغانلىقى توغرىلىق بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى باياناتلارنى دەلىللەيمىز. بۇ ئارقىلىق يەر شارىۋى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەممىدىن بەكرەك سۆز بىلەن ئەمەس، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئەڭ ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش پۇرسىتى تۇغۇلدى.»

ئۇ كېلىشىمنىڭ يولغا قويۇلۇش جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇكرائىنا ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئولېكساندېر كۇبراكوۋ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ 7-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن، ھەمراھلىرىمىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن تۈركىيەگە  مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.»

كۇبراكوۋ كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىكى «سۈنئىي» توساقلارنى يوقىتىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ يەنە ئىككى ئاي ئۇزارتىش توغرىلىق قارار  چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر