شىمالىي كورېيە تۇنجى ھەربىي جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن دۆلەتنىڭ تۇنجى ھەربىي جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھى جايلاشقان مۇئەسسىسەنى كۆزدىن كەچۈردى.

1987575
شىمالىي كورېيە تۇنجى ھەربىي جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسىگە يېقىنلىقى بىلەن بىلىنىدىغان دۆلەتلىك گېزىت «رودوڭ سىنمون» كىم جوڭئۇن ۋە قىزىنىڭ تۇنجى ھەربىي جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھى جايلاشقان مۇئەسسىسەنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان چاغدىكى رەسىملىرىنى ئېلان قىلدى.

شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەربىي جاسۇس سۈنئىي ھەمراھى مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن ۋە بىر قىسىم سىناقلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن راكېتاغا يۈكلەشكە تەييار ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ تېخىچە سۈنئىي ھەمراھنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا خەلقئارا ئورگانلارغا دوكلات يوللىمىغانلىقىنى ۋە قويۇپ بېرىلگەن تەقدىردە بۇنىڭ «رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت بولىدىغانلىقى» تەكىتلەندى.

باياناتتا، جاسۇس سۈنئىي ھەمراھىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە قارىتا، « شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا سەل قاراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇنسىز ئىغۋاگەرچىلىكنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى» دېيىلدى.

شىمالىي كورېيە 19-دېكابىردا تۇنجى جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ قارالغان سىناق خاراكتېرلىك سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر