گېرمانىيەدە قولغا ئېلىنغان تۈركىيەلىك ژۇرنالىستلار قويۇپ بېرىلدى

گېرمانىيەدە قولغا ئېلىنغان تۈركىيەلىك ژۇرنالىست ئىسمائىل ئەرەل ۋە جەمىل ئالباي قويۇپ بېرىلدى.

1987759
گېرمانىيەدە قولغا ئېلىنغان تۈركىيەلىك ژۇرنالىستلار قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ساقچىلىرى ساباھ گېزىتىنىڭ فىرانكفورتتىكى ياۋروپا خەۋەر مەركىزى ئىشخانىسىغا بېسىپ كېرىپ، تۇتقۇق قىلغان  ساباھ گېزىتىنىڭ گېرمانىيە ۋەكىلى ئىسمائىل ئەرەل ۋە خەۋەر دېرىكتورى جەمىل ئالباينىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

گېرمانىيە ساقچىلىرى ئىشخانىغا بېسىپ كېرىپ تۇتقۇق قىلىش جەريانىدا ئەرەل ۋە ئالباينىڭ ئۆيىدە ۋە «ساباھ گېزىتى» نىڭ ياۋروپا ئىشخانىسىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان شۇنداقلا كومپيۇتېر ۋە تېلېفونلىرىنى مۇسادىرە قىلغان ئىدى.

بۇ بېسىپ كېرىپ تۇتقۇق قىلىشنىڭ نېمە مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كەسپىي تەشكىلاتلار بۇ ئىككى مۇخبىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەركەتتە ئۆتكەن ئىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ساباھ گېزىتى» نىڭ فرانكفورت ئىشخانىسى ۋەكىللىرىنىڭ گېرمانىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مەتبۇئات ۋە پىكىر ئەركىنلىكى توغرىسىدا پۈتۈن دۇنياغا دەرس ئۆتۈشكە ئۇرۇنىدىغان گېرمانىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئەركىن مەتبۇئاتقا قارشى قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەسىنى ئاشكارىلىغانلىقى تەكىتلىنىپ، بۇ ھەقتە گېرمانىيەدە كېرەكلىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەمدە تۈركىيەنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنىڭ بۈگۈن گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرەدە  تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جۇرگېن شۇلزغا يەتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر