شمالې: تۈركىيەنىڭ ياردەم خىزمەتلىرى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ نىگېرىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى ماسلاشتۇرغۇچىسى ماتتىئاس شمالې تۈركىيەنىڭ ياردەم خىزمەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

1985321
شمالې: تۈركىيەنىڭ ياردەم خىزمەتلىرى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ نىگېرىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى ماسلاشتۇرغۇچىسى ماتتىئاس شمالې تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقادىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى خىزمەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى تىلغا ئېلىپ: «تۈركىيەنىڭ يەر شارى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر خىزمەتلىرىدىكى رولى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ» دېدى.

شمالې نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان تېررورلۇق ۋەقەلىرى پەيدا قىلغان يېمەكلىك كىرىزىسى ۋە رايونغا قىلىنىۋاتقان ياردەملەر ھەققىدە توختالدى.

تۈركىيەنىڭ بىر تەرەپتىن ئۆزى يولۇققان بىر قاتار قىيىنچىلارغا تاقابىل تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن شمالې، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى خىزمەتلىرىگە كەلگەندە، تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق بىر كۈچ بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

«مەن بۇنى ئوتتۇرا شەرق ۋە سومالىدا كۆردۈم» دېگەن شمالې، تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق دائىرىسىدە نىگېرىيەگە كۆپلەپ ياردەم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تۈركىيەنىڭ يەر شارى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر خىزمەتلىرىدىكى رولى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر