كۇلېبا: رۇسىيە زېلېنسكىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى مۇمكىن

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا رۇسىيەنىڭ پۇرسەت تاپسىلا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1984832
كۇلېبا: رۇسىيە زېلېنسكىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا گېرمانىيەنىڭ «‹بىلد› گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، زېلېنسكىيغا قارىتىلغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى توغرىسىدا توختىلىپ: «رۇسلار پىرېزىدېنت زېلېنسكىينى ئۆلتۈرۈش پۇرسىتى تاپسىلا بۇنى چوقۇم سىنايدۇ» دېدى.

ئۇ زېلېنسكىينىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىلىق چاقىرىقتا بولغان رۇسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دىمىترى مېدۋېدېۋغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مېدۋېدېۋ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرامماغا كىرىشتىن بۇرۇن ھاراقنى ئازىراق ئىچىشى كېرەك. مەن بۇ توغرىلىق پەقەت مۇشۇنىلا دېيەلەيمەن. دەرۋەقە، مېدۋېدېۋ باھا بېرىشكە ئەرزىمەيدىغان شەخسمۇ ئەمەس. رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرىدا ئۇنىڭ بەلگىلىك رولى بار.»

كۇلېبا گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ياردىمى بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تاكتىكا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قورال – ياراغلارغا ئېھتىياجلىقمىز. جۈملىدىن ئۇزۇن مۇساپىلىك زەمبىرەك ئوقلىرىغا ئېھتىياجلىقمىز. بىرونېۋىكلارغا، ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرىغىمۇ ئېھتىياجلىقمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى گېرمانىيەدە بار. دەرۋەقە، گېرمانىيەمۇ  بىزگە قورال - ياراغ جەھەتتىن ياردەم قىلدى. ئەسلىدە گېرمانىيە بىزنى تېخىمۇ كۆپ قورال – ياراغلار بىلەن تەمىنلىيەلەيتتى.»

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر گېرمانىيە ياۋروپانىڭ تېخىمۇ  بىخەتەر بولۇشى ۋە گۈللىنىشىنى خالىسا، ئۇنداقتا بۇنىڭ بىردىنبىر يولى ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر