بلىنكېن تۈركىيە بىلەن ب د ت غا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ۋاشىنگتوننىڭ تۈركىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورىنى قايتىدىن ئاچقانلىقىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1984604
بلىنكېن تۈركىيە بىلەن ب د ت غا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئانتونى بلىنكېن پايتەخت ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىۋاتقان ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېيمىس كلېۋېرلىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى.

بىلكىنكېن ئۆزلىرىنىڭ ئۇكرائىنا- رۇسىيە ئۇرۇشى، خىتاي بىلەن بولغان رىقابەت، رايون ۋە يەرشارى بىخەتەرلىكى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز يەنە قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە بولغان جىددىي ئېھتىياجنىمۇ مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان رۇسىيە پاراخوتلارنىڭ ئۇكرائىنا پورتلىرىغا بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق دۇنيا بازىرىغا، ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە يېمەكلىككە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بارىدىغان ئاشلىق مىقدارىنى ئازايتىشتەك مەسخىرىلىك ھەرىكەتلىرىگە قايتتى. بىز ب د ت باش كاتىپى بىلەن تۈركىيەدىكى خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن مىننەتدارمىز. دۇنيا بىر قانچە ھەپتىدە بىر قېتىم موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىدا كىشىلەرنىڭ ئاچلىقىنى قورال قىلىپ ئىشلىتىشىنى خاتىرىلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالماسلىقى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر