ئىتالىيە ئۇكرائىنادىكى پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

ئىتالىيەنىڭ كىيېۋ ئەلچىخانىسى رۇسىيەنىڭ كۈنسېرى كۆپىيۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن پۇقرالىرىغا ئۇكرائىنادىن دەرھال ئايرىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

1984358
ئىتالىيە ئۇكرائىنادىكى پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ كىيېۋ ئەلچىخانىسىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا، مۇنداق دېيىلدى: «ھازىر ئۇكرائىنادا تۇرۇۋاتقان پۇقرالىرىمىزنىڭ يول يۈرۈش چەكلىمىسى كۈچكە ئىگە بولمىغان ۋاقىتلاردا پويىزلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ماۋجۇت قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ،  دەرھال ئۇكرائىنادىن ئايرىلىشى ۋە ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. شۇنداقلا قايسى شەكىلدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇكرائىناغا ساياھەتكە بارماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.»

ئۇكرائىنا دۈشەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئارقىلىق ھۇجۇم قوغىغانلىقىنى، پايتەخت كىيېۋ ئۈستىدىن 35 كامىكازې ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.

رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئودېسسا رايونىغا سەككىز باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

زاپوروجيا شەھىرىدىن باشقا، چېرنىگوۋ ۋە دنېپروپېتروۋىسكى رايونلىرىدىمۇ پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

2022-يىلى 24 – فېۋرال قۈنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە ئارمىيەسىگە ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن،  رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغانىدى.

پۇتىن ئۇرۇشتىن مەقسەتنىڭ كىيېۋنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇكرائىنانى رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بۇ دۆلەتنى ھەربىيسىزلەشتۈرۈش ۋە ئۇكرائىنادىكى ناتسىستلارنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر