سۇداندا تۈركىيەنىڭ ئەلچىخانا ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

سۇداندا تۈركىيەنىڭ خارتۇمدىكى باش ئەلچىسى ئىسمائىل چوبانئوغلۇمۇ ئولتۇرغان دىپلوماتىك ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمغا قارىتا سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز قوللاش كۈچلىرى (HDK) بىر-بىرىنى ئەيىبلىمەكتە.

1983449
سۇداندا تۈركىيەنىڭ ئەلچىخانا ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تېز قوللاش كۈچلىرى (HDK) نىڭ ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ھۇجۇمنىڭ بارلىق خەلقئارالىق قائىدە ۋە قانۇنلارغا ئوچۇق ئاشكارا خىلاپلىق قىلغان قورقۇنچاقلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا سۇدان ئارمىيەسى ئىما قىلىنغان ھالدا، «سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان كۈچلەر دىپلوماتلارنى قوغداشتىكى بارلىق خەلقئارالىق قانۇن ۋە كېلىشىملەرگە ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپلىق قىلىپ، قورقۇنچاقلارچە بىر ھەرىكەت ئارقىلىق  تارقاقلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ھەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ماسلىشىش ئىشقا ئاشقاندىن كېيىنمۇ، تۈركىيەنىڭ خورتۇمدىكى باش ئەلچىسى ئىسمائىل چوبانئوغلۇنىڭ ئاتوموبىلىغا ئوق چىقاردى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، ئەلچىخانا جايلاشقان رايوننىڭ سۇدان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «تېز قوللاش كۈچلىرى  (HDK) جەنۋە ئەھدىنامىسى ۋە بارلىق خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئۇيغۇن شەكىلدە دىپلوماتلارنى  قوغداش ۋەزىپىسىنى بىجانىدىل ئورۇندىماقتا» دېيىلدى.

سۇدان ئارمىيەسىنىڭ  باياناتىدا  بولسا، ھۇجۇمنىڭ تېز قوللاش كۈچلىرى (HDK) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «تېز قوللاش كۈچلىرى  (HDK) باش ئەلچىنىڭ يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلالايدىغانلىقىنى ئۇنتۇشقاندەك قىلىدۇ» دېيىلدى.

سۇداندا، تۈركىيەنىڭ خارتۇمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چوبانئوغلۇمۇ ئولتۇرغان دىپلوماتىك ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ئوق چىقىرىلغان بولۇپ، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر