ب د ت: تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر توختاپ قالدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئايال خادىملارغا قويغان چەكلىمىسى سەۋەبىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

1983334
ب د ت: تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر توختاپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى فارخان ھەق كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئايال خادىملارغا قويۇلغان خىزمەت چەكلىمىسى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ھەق ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە ئىنتايىن ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىدە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بىر تەرەپتىن، ئافغانىستان خەلقىنىڭ بۇ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىمىز بۇ توسالغۇلار سەۋەبىدىن توختاپ قېلىۋاتىدۇ. ئافغانىستاندا ئەر-ئايال بارلىق خادىملارنىڭ ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدىكى مەيدانىمىز ئۆزگەرمىدى.»

فارخان ھەق ئافغانىستانغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە سىياسەتلىرىنى داۋاملىق كۆزدىن كەچۈرۈپ تۇرىدىغانلىقلىرىنى، ھەمدە مۇۋاپىق خىزمەت ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئافغانىستاندا ئەر  - ئايال خادىملارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ سىرتىدا ئۆيدىن ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە دۆلەت ئىچىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشتىن داۋاملىق ساقلىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر