پەلەستىندىكى سودا ئورۇنلىرى كەڭ كۆلەمدە تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

پەلەستىندىكى سودا ئورگانلىرى «يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تور ھۇجۇمى» غا ئۇچرىدى.

1982622
پەلەستىندىكى سودا ئورۇنلىرى كەڭ كۆلەمدە تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئۇچۇر – ئالاقە ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، يېقىنقى ئۈچ كۈندە، پەلەستىندىكى نۇرغۇن سودا ئاپپاراتلىرى ۋە سودا ئورۇنلىرىنىڭ بىر سائەت ئىچىدە «يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تور ھۇجۇمى» غا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پەلەستىن ئۇچۇر – ئالاقە ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى ئىسھاق سەدر بۇلارنىڭ پەلەستىن يېقىنقى يىللاردا ئۇچرىغان «ئەڭ چوڭ تور ھۇجۇمى» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىسھاق سەدر تېلېگراف شىركىتى ئەترەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت ئىشلەۋاتقان مىنىستىرلىققا قاراشلىق ئەترەتنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە تور بېكەتلىرى ۋە چوڭ شىركەتلەر ئىلگىرى كۆپ قېتىم تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، پەلەستىندە بۇ خىل تور ھۇجۇمى تۇنجى قېتىم يۈز بېرىشى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر