فىرانسىيەدە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى تۈركىيە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلدى

فىرانسىيەنىڭ مارسېليا شەھىرىدە بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى سايلامغا بېلەت تاشلاشقا كەلگەن تۈركىيە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

1982121
فىرانسىيەدە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى تۈركىيە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە 14 – مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ مارسېليا شەھىرىدە  27 - ئاپرېلدىن بۇيان بېلەت تاشلاش داۋاملاشماقتا.

تۈنۈگۈن  مارسېليادىكى سايلام مەركىزىگە يېقىن جايدا تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى تۈركىيە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى زوراۋانلىق قىلغان بولسىمۇ، مارسېليادىكى ۋەقەلەردە ھېچكىشى يارىلانمىغان. فىرانسىيە ساقچىلىرى نەق مەيداندا بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا قىينالغان.

تۈركىيەنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، مارسېليا باش كونسۇلخانىسى ۋە فىرانسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ بېلەت تاشلاش ئۈچۈن كەلگەن تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيەنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەلى ئونانەر بۈگۈن ئەتىگەندە ھۇجۇم يۈز بەرگەن جايلارغا باردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن كۆرۈنۈشلەردە، تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قىلغۇچىلىرى قولىغا كالتەك ئېلىپ، ئاياللار، ئەرلەر ۋە بالىلارنى ئايرىپ ئولتۇرماستىن بېلەت تاشلاشقا كەلگەن تۈركىيە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى كۆرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر