توبىياس بىلستروم پ ك ك نىڭ شىۋېتسىيەدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىشىنى كۈتۈۋاتقان شىۋېتسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىقرار قىلىش خاراكتېرلىك باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

1980273
توبىياس بىلستروم پ ك ك نىڭ شىۋېتسىيەدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم شىۋېتسىيە مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بېرىپ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيەدە كەڭ كۆلەمدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

بىلستروم تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلىماسلىقىدىكى سەۋەبنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى كەڭ كۆلەملىك پائالىيەتلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «پ ك ك زېمىنلىرىمىزنى زەھەرلىك چېكىملىك ​​سودىسى ۋە شىۋېتسىيە جەمئىيىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر خىل يوللار ئارقىلىق پۇل توپلاش ئۈچۈن، بازا سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتىدۇ» دېدى.

شىۋېتسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئالدىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان بىلستروم، 1 -ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان يېڭى تېررورلۇق جازا قانۇنى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئەندىشلىرىنىڭ يوققا چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2022- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى پارتلىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ناتوغا كىرىشكە بەل باغلىغان شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە بىرلىكتە ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغانىدى.

تۈركىيە بۇ دۆلەتلەرنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىشغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

تۈركىيە مادرىد كېلىشىمىدىكى ۋەدىلىرىنى ئورۇندىغان فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا كىرىشىنى تەستىقلىدى. ئەمما،  شىۋېتسىيە تېررورلۇققا قارشى كۈتكەن قەدەملەرنى تاشلىمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر