ماراكەش پادىشاھى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 1518 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى
ماراكەش پادىشاھى 6 - مۇھەممەد روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرمىدىكى 1518 جىنايەتچىنى كەچۈرۈم قىلدى.
1978182
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ماراكەش ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك جىنايەتلەر سەۋەبىدىن تارمە جازاسى بېرىلگەن ياكى قولغا ئېلىنغان 1518 كىشى ھەققىدە ماراكەش پادىشاھى 6 - مۇھەممەد تەرىپىدىن كەچۈرۈم قىلىش قارارى ماقۇللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ماراكەش پادىشاھى ئالدىنقى يىلى ئىيۇلدىكى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەنمۇ 979 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلغان ئىدى.
ماراكەش ئاساسىي قانۇنىنىڭ 58-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پادىشاھ مەھبۇسلارغا قارىتا كەچۈرۈم قىلىش قارارى چىقىرالايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەمەندىكى پارتلاشتا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
يەمەننىڭ بەيدا شەھىرىدە بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.