پۇتىن مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن تېلېفونلاشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن تېلېفونلاشتى.

1978024
پۇتىن مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمل بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، سودا ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن سۆھبەت جەريانىدا، تەرەپلەر نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى — ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىدىكى بەزى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان ئوپېك+ تەشكىلاتى رامكىسىدىكى ماسلىشىشتىن مەمنۇنلۇقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا يەنە، رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

پۇتىن سۆھبەت ئەسناسىدا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر