ب د ت: 400 مىڭ كۆچمەن بۇ يىل دارىئېن كارىدورىدىن ئۆتۈشى مۇمكىن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىل پاناما ۋە كولومبىيە چېگراسىدىكى دارىئېن كارىدورىدىن ئۆتىدىغان تەرتىپسىز كۆچمەنلەر سانىنىڭ 400 مىڭغا يېتىشى مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

1975018
ب د ت: 400 مىڭ كۆچمەن بۇ يىل دارىئېن كارىدورىدىن ئۆتۈشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر باشقارمىلىرىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پاناما ۋە كولومبىيە چېگراسىدىكى دارىئېن كارىدورىدىن تەخمىنەن 100 مىڭ كىشى ئۆتكەن بولۇپ، بۇ سان ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئالتە ھەسسە كۆپ ئىكەن.

بۇ يىل دارىئېن كارىدورىن ئۆتىدىغان كۆچمەنلەر سانىنىڭ 400 مىڭغا يېتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.

بۇلتۇر بۇ كارىدوردىن 250 مىڭ كۆچمەننىڭ ئۆتكەنلىكى نەزەردە تۇتۇلغىنىدا، بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ كۆچمەننىڭ ئۆتۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دارىئېن كارىدورىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەتكەسچىلىك شايكىلىرىنى يوقىتىش مەقسىتىدە ئاخبارات توپلاش مەسىلىسىدە كولومبىيە ۋە پانامانى قوللىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر