شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزىغا قارىتىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1974367
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزىغا قارىتىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى ىمالىي كورېيەنىڭ ياپون دېڭىزى (شەرقىي دېڭىز) غا قارىتىپ ئوتتۇرا ياكى يىراق مۇساپىلىق باقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بېيجىڭدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسى ئارقىلىق شىمالىي كورېيەگە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خامادا ياسۇكازۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ خوككايدو دېڭىز تەۋەلىكىنڭ سىرتىغا شۇ يەر ۋاقتى 08.00 دە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىگە قارشى فۇمىيو دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى يىغىنغا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 7 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە شىمالىي كورېيە پايتەختى پىيوڭياڭ ئەتراپىدىن ياپون دېڭىزىغا قارىتىپ ئېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھاۋادا مىڭ كىلومېتىر مۇساپە باسقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا توغرىسىدا، «سىناق پەقەت كورېيە يېرىم ئارىلى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان سالغان ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى» دەپ قارالدى.

ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، شىمالىي كورېيەنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشى ئۈچۈن دىپلوماتىك بېسىم قىلىشقا چاقىردى.

ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى ئاجىئېن ۋاتسون (Adrienne Watson) يازما باياناتىدا، پىرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئەترىتىنىڭ، ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ ۋەزىيەتكە قاراپ چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىدا يەنە، پىيوڭياڭنى مۇقىملىققا زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەرنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشقا ۋە دىپلوماتىك يولنى تاللاشقا چاقىرىپ، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلى ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر