فرېددي قارا بورىنىدا قازا قىلغان مالاۋىلىقلار سانى مىڭغا يەتتى

مالاۋىدا ئافرىقانىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز قىرغاقلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن «فرېددى» قارا بورىنى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 1000 غا يەتتى.

1974232
فرېددي قارا بورىنىدا قازا قىلغان مالاۋىلىقلار سانى مىڭغا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالاۋى پىرېزىدېنتى لازارۇس چاكۋېرا بوران كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىق ۋە قازا قىلغانلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى؛ بوران سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 1000 غا يەتكەنلىكىنى، يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاكۋېرا: «كىلىمات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتتە ئۆيلەر، كۆۋرۈكلەر، مەكتەپلەر ۋە كارخانىلار ۋەيران بولدى. يوللار، ئېلېكتىر لىنىيەلىرى ۋە تېرىلغۇ يەرلىرى زىيانغا ئۇچرىدى» دېدى.

چاكۋېرا مالاۋىدا تاماكا بازىرىنىڭ ئېچىلىش پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بوران - چاپقۇن سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭمۇ توختاپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

موزامبىك بىلەن ماداغاسقارمۇ بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى؛ موزامبىكتا تەخمىنەن 70 ئادەم قازا قىلدى.

دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى 2- ئايدا باشلىنىپ بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان فرېددى قارا بورىنىنىڭ، تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان بوران - چاپقۇن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر