ئاۋستىرالىيە خىتاي ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزىنى قايتۇرۇۋالدى

ئاۋستىرالىيە خىتاينىڭ ئارپا ئىمپورتىغا قاراتقان يۇقىرى تاموژنا بېجىنى تەكشۈرۈش ۋەدىسىگە ئاساسەن، دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO) غا سۇنغان ئەرزىنى ۋاقتىنچە قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1973350
ئاۋستىرالىيە خىتاي ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزىنى قايتۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننىي ۋوڭ (Penny Wong) خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا سۇنغان ئەرزىنى ۋاقىتلىق قايتۇرۇۋالغانلىقلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «ئىشچى پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ئاۋستىرالىيە ئارپا مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق» دېدى.

ئۇ خىتاينىڭ كەلگۈسى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئاۋستىرالىيە ئاشلىقىدىن يۇقىرى تاموژنا بېجى ئېلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئاۋستىرالىيەمۇ بۇ جەرياندا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا سۇنغان ئەرزىنى ۋاقىتلىق قايتۇرۇۋالىدۇ. ئەگەر تاموژنا بېجى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىسا، ئەرز قايتا سۇنۇلىدۇ. خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تەكلىپ قىلغان مۆھلەت، دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ئەرزنى ھەل قىلىش ۋاقتىدىن كۆپ قىسقا» دېدى.

كانبېررا ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا 2020-يىلى مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ۋەقەلەر خىتايدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئاۋستىرالىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ناچارلىشىشقا باشلىغان ئىدى.

خىتاي بۇنىڭغا قارىتا، ئاۋستىرالىيەدىن گۆش ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان بولۇپ، ئارپا ئىمپورتىغا %80 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بېيجىڭنىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا قويغان چەكلىمىسىمۇ سىياسىي ئىختىلاپلارنى سودا ساھەسىگە سۆرەپ كىرگەن ئىدى. بۇ قەدەملەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋستىرالىيەنى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يىلتىزىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى جازالاشقا ئۇرۇنۇشى دەپ قارالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر