مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلىش داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ھىمايىسىدە نەچچە ئونلىغان ئەسەبىي يەھۇدىيلار ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىردى.

1973167
مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلىش داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەبىي يەھۇدىيلار 5-ئاپرېلدىن 13-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىغان پاسخا بايرىمى سەۋەبىدىن مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسەبىي يەھۇدىيلار مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشتىن ئىلگىرى كۆپ ساندا ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى مەسجىدى ئەقسانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەسجىدى ئەقسانىڭ ئۆگزىسىگە چىققان.

ئەسەبىي يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەغارىبە دەرۋازىسىدىن مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەن.

ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى يەنە 50 ياشتىن تۆۋەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ بامدات نامىزى ئۈچۈن مەسجىدى ئەقساغا كىرىشىگە يول قويمىغان. نەچچە ئون پەلەستىنلىك بامدات نامىزىنى سىرتتا، ھەرەم دەرۋازىسى يېنىدا ئوقۇغان.

ئەسەبىي يەھۇدىيلارنىڭ ھۇجۇمى داۋامىدا مەسجىدى ئەقسادىكى پەلەستىنلىكلەر تەكبىر ئېيتىپ ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر