مۇستافا شەنتوپ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا ۋە پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارشى ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

1971877
مۇستافا شەنتوپ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنتلار بىرلەشمىسى (ISIPAB) نىڭ نۆۋەتچى رەئىسى شۇنداقلا ئالجىرىيە پارلامېنتى رەئىسى ئىبراھىم بوگالى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

مۇستاپا شەنتوپ ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا ۋە پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارشى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنتلار بىرلەشمىسى (ISIPAB) نىڭ ئورتاق پوزىتسىيە تۇتىشى كېرەكلىكىنى  بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرى ئالدىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاپ، بۇ مەسىلىنى جىددىي كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇستاپا شەنتوپ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنتلار بىرلەشمىسى (ISIPAB) نىڭ مەسجىدى ئەقساغا قارىتىلغان ھۇجۇمغا قارشى پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىق بىلەن تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇستاپا شەنتوپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنتلار بىرلەشمىسى (ISIPAB) نىڭ سابىق نۆۋەتچى رەئىسى تۈركىيە ۋە مەۋجۇت  نۆۋەتچى رەئىسى ئالجىرىيە شۇنداقلا كەلگۈسى نۆۋەتچى رەئىسى كوتىدىۋار (پىل چىشى ساھىلى) جۇمھۇرىيىتى پارلامېنت باشلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا 10-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى تور ئارقىلىق يىغىن ئېچىش قارار قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر