ئامېرىكا ئۇكرائىناغا يېڭى ياردەم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2.6 مىليارد دوللار قىممىتىدە يېڭى ھەربىي ياردەم قىلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان يېڭى ھەربىي ياردەم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئۇكرائىناغا خەۋپسىزلىك ياردىمى دائىرىسىدە، 2 مىليارد 100 مىليون دوللار قىممىتىدە؛ پىرېزىدېنتنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى تەركىبىدىن قورال-ياراغ ۋە ئۈسكۈنىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى دائىرىسىدە 500 مىليون دوللار قىممىتىدە ھەربىي ياردەمنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ياردەمنىڭ تەپسىلاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئاخباراتتا ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا بۇ ياردەم پىلانى بىلەن، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى 24-فېۋرال (2023) باشلانغاندىن تارتىپ ئۇكرئىناغا جەمئىي 35.1 مىليارد دوللار ھەربىي ياردەم قىلغان بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.