فىرانسىيە زاپاس ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىدۇ

فىرانسىيە «مۇئەييەن سەۋىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەر» نىڭ 72 ياشقىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە رۇخسەت قىلىشنى قارار قىلدى.

1970247
فىرانسىيە زاپاس ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېباستىيان لېكورنۇ (Sebastien Lecornu) «مۇئەييەن سەۋىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەر» نىڭ 72 ياشقىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ۋە زاپاس ئەسكەرلەرنىڭ يېشىنى 70 كە چىقىرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېباستىيان لېكورنۇ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «نۇرغۇن سۈپەتلىك كىشىلەر ياش چەكلىمىسى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنى سىنىپتىن قوغلانغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ مەنتىقىلىق ئەمەس. ياش چەكلىمىسىنى ئۆستۈرىمىز. كىشىلەر 70 يېشىغىچە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر 72 يېشىغىچە فىرانسىيە ئارمىيەسىدە زاپاس ئەسكەر بولالايدۇ» دېدى.

ئۇ فىرانسىيەنىڭ «ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان دۆلەتلەر كۇلۇبىدا قېلىشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيەدە بىر زاپاس ئەسكەرنىڭ ياش چەكلىمىسى رولىغا ئاساسەن 60 تىن 65 كىچە بولىدۇ.

فىرانسىيە ياش چەكلىمىسىنى ئۆستۈرۈشتىن باشقا، زاپاس ئەسكەرلەر سانىنى 40 مىڭدىن 80 مىڭغا كۆپەيتىشنى نىشان قىلماقتا.

زاپاس ئەسكەرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش قارارى، فىرانسىيەنىڭ ھەربىي خىراجەتلىرىنى بۇ يىل (2023) 43.9 مىليارد ياۋرودىن 2030-يىلغىچە 69 مىليارد ياۋروغا قەدەممۇ قەدەم چىقىرىشنى قارار قىلغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر