ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى

ئۇكرائىنا ئودېسسادا رۇسىيەنىڭ ئىراندا ياسالغان 14 قوراللىق ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1969637
ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا جەنۇب قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيەنىڭ كېچە بويىچە ئىراندا ياسالغان «شاھىد» ئۇچقۇلىرى بىلەن ئودېسساغا ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئازاق دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن ئەۋەتىلگەن 17 ئۇچقۇدىن 14 ىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۇچقۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئودېسسا رايونىدىكى بىر شىركەتنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە ئوت كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئوتنىڭ بۈگۈن (4-ئاپرېل) ئەتىگەن سائەتلىرىدە ئۆچۈرۈلگەنلىكى، ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2022-يىلى 24-فېۋرال رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش پەرمانىنى چۈشۈرۈشى بىلەن، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى رەسمىي باشلانغان ئىدى.

پۇتىن كىيېۋنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنانى ھەربىيسىزلەشتۈرۈپ، ناتسىسىزمدىن تازىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر