ئاشلىق كارىدورىدىن 25 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئاشلىق توشۇلدى
ئاشلىق كارىدورى ئارقىلىق توشۇلغان ئاشلىقنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 25 مىليون توننىدىن ئاشتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن باشلاپ، 31 پاراخوت بىلەن ئاشلىق كارىدورى ئارقىلىق 1 مىليون 215 مىڭ 354 توننا ئاشلىق توشۇلغان.
شۇنىڭ بىلەن، 2022 – يىلى 24 – فېۋرالدا باشلانغان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئاشلىق كىرىزىسى يۈز بېرىش خەۋپىنى تۈگىتىش مەقسىتىدە، تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە ئالدىنقى يىلى ئىيۇل ئېيىدا شەكىللەندۈرۈلگەن ئاشلىق كارىدورىدىن توشۇلغان ئاشلىقنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 25 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئۇكرائىنا پورتىدىن ئاشلىق توشۇۋاتقان پاراخوتلارنىڭ سانى تۈنۈگۈن ئېتىبارى بىلەن 851 گە يەتكەن.
ئاشلىق كارىدورىدىن ئۆتكەن ئاشلىقنىڭ %40 ى ياۋروپاغا، %30 ى ئاسىياغا، %13 ى تۈركىيەگە، %12 ى ئافرىقاغا، %5 ى ئوتتۇرا شەرققە توشۇلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

سومالىدىكى بىر بالىلار باغچىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن بالا قازا قىلدى
سومالىدىكى بىر بالىلار ئويۇن باغچىسىدا راكېتامىيوت پارتلاپ، 22 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.