ئافغانىستاندا كەلكۈن ئاپىتىدە 10 ئادەم قازا قىلدى

ئافغانىستاننىڭ 23 ۋىلايىتىدە ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 10 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1968020
ئافغانىستاندا كەلكۈن ئاپىتىدە 10 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شېفى راھىمىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئافغانىستاننىڭ 23 ۋىلايىتىدە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن كەلكۈن ئاپىتى كېلىپ چىققان.

كەلكۈن ئاپىتىدە 10 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 76 كىشى يارىلانغان.

سۇ بېسىپ كەتكەن 1800 ئۆي، 22 مىڭ گېكتارلىق دېھقانچىلىق مەيدانلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.

كەلكۈن ئاپىتى ئەڭ كۆپ پېرۋان ۋە بەلخ ۋىلايەتلىرىگە ئېغىر تالاپەتلەرنى يەتكۈزگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر