رۇسىيە ئېستونىيەدىن ئۆچ ئالدى

رۇسىيە ئېستونىيەنىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى.

1968156
رۇسىيە ئېستونىيەدىن ئۆچ ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، ئېستونىيەنىڭ 24-مارت رۇسىيەنىڭ بىر دىپلوماتىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلغانلىقى خاتىرىلىتىلدى.

باياناتتا، ئېستونىيەنىڭ قارارىنىڭ «ئاساسسىز» ئىكەنلىكى ۋە موسكۋا ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى يانا ۋانامېلدېرنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغانلىقى، موسكۋادىكى ئېستونىيە ئەلچىخانىسىدا ئوخشاش سەۋىيەدىكى بىر دىپلوماتنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا رۇسىيە زېمىنىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئېستونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭغا قارشى باشقا قەدەملەرنىڭمۇ تاشلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلىشىشىغا تاللىننىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى  رۇسىيەدىن بۇ دۆلەتتىكى دىپلوماتىك خادىملارنىڭ سانىنى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە 8 گە قىسقارتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قارىتا ئېستونىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارگۇس لايدرېنىڭ 23-يانۋار چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

رۇسىيە 2022-يىلىمۇ ئېستونىيەنىڭ پېتېربۇرگدىكى كونسۇلى مارت لاتتېنى «مەخپىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى» ئۈچۈن قولغا ئېلىپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر