ئامېرىكا: تېھرانغا قارشى نۇرغۇن ھەربىي تاللاشلىرىمىز بار

ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مارك مىللېي ئىران يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تېھرانغا قارشى نۇرغۇن ھەربىي تاللاشلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1966597
ئامېرىكا: تېھرانغا قارشى نۇرغۇن ھەربىي تاللاشلىرىمىز بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مارك مىللېي ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن بىلەن بىرلىكتە 2024-يىللىق كېڭەش پالاتاسى قوراللىق مۇلازىمەت كومىتېتى مالىيە خامچوتى يىغىنىغا قاتناشتى.

مىللېي بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئىراننىڭ رايوندا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا قىسىملىرى تۇرۇشلۇق بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئىراننىڭ ئىككى ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يادرو قوراللىرى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىيالنى قولغا كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «شۇنىڭدىن كېيىن، ئىراننىڭ تولۇق يادرو قوراللىرى ياسىشى ئۈچۈن پەقەت بىر قانچە ئايلا ۋاقىت كېتىدۇ. ئامېرىكا سىياسىي جەھەتتىن ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىغا قەتئىي يول قويمايىدۇ. ئىران يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تېھرانغا قارشى نۇرغۇن ھەربىي تاللاشلىرى بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر