پېسكوۋ: دوستانە بولمىغان دۆلەتلەر ئاچقان بۇ ئارىلاشما ئۇرۇش ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىرىي پېسكوۋ، دوستانە بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئاچقان ئارىلاشما ئۇرۇشىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1966967
پېسكوۋ: دوستانە بولمىغان دۆلەتلەر ئاچقان بۇ ئارىلاشما ئۇرۇش ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىرىي پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ بۇ يىل ئاخىرلىشىپ - ئاخىرلاشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «ئەگەر كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان بولسىڭىز، بۇ دۈشمەن دۆلەتلەر ۋە دوستانە بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن بولۇۋاتقان بىر توقۇنۇش. بۇ دۆلىتىمىزگە قارشى تۇرغۇچىلارغا ئاچقان بىر ئۇرۇش بولۇپ، ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بىزنىڭ ئۆزىمىزگە ئىشەنچ قىلىشىمىز، قەتئىيلىككە ۋە پىرېزىدېنتنىڭ ئەتراپىدا ئۇيۇشۇشقا موھتاج» دېدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى2022 - يىلى 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر