فىرانسىيە خولودومور پاجىئەسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلدى

فىرانسىيە پارلامېنتى خولودومور پاجىئەسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان تەكلىپنى قوبۇل قىلدى.

1966781
فىرانسىيە خولودومور پاجىئەسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پارلامېنتى سوۋېت تۈزۈمى 1932-، 1933 – يىللىرى ئۇكرائىنا تۇپراقلىرىدا مىليونلارچە كىشىنى ئاچ قويۇپ، ئۆلۈمنىڭ گىردابىغا ئىتتىرگەن خولودومور پاجىئەسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان تەكلىپنى قوبۇل قىلدى.

فىرانسىيە پارلامېنتى ئەينى دەۋردىكى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى رەھبىرى جوزېف ئىستالىننىڭ يەر ئىسلاھاتىنى دېھقانلارغا مەجبۇرى قوبۇل قىلدۇرۇش قەدەملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان «خولودومور» ناملىق ئاچارچىلىقنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان تەكلىپنى مۇزاكىرە قىلدى.

ھاكىمىيەت بېشىدىكى گۈللىنىش پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئاننى گېنېتېت باشقا نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ، 2 گە قارشى  168 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، فىرانسىيە پارلامېنتى خولودومورنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان بولدى.

ئۇكرائىنا تىلىدا، خولودومور «سۈنئىي ئاچارچىلىق پەيدا قىلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، خولودومور پاجىئەسىدە تەخمىنەن 4 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ئۇكرائىنا پارلامېنتى بۇ ۋەقەنى 2006- يىلى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر