ئامېرىكادا قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

ئامېرىكانىڭ مىسسىسىپى ئىشتاتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا زور ۋەيرانچىلىقلارنى پەيدا قىلىپ، 26 كىشى قازا قىلغان قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

1965353
ئامېرىكادا قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ۋەيران قىلغۇچ تەسىرى يۇقىرى بولغان 10 دىن ئارتۇق قۇيۇننىڭ مىسسىسىپى ئىشتاتى ۋە ئەتراپىدا 26 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن رايوندا فېدېراتسىيە جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

دۆلەتلىك ھاۋا رايى ئىدارىسى روللىڭ فورك رايونىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن قۇيۇننىڭ 5 تىن 4 باللىقى ۋە سائەتلىك سۈرئىتىنىڭ 300 كىلومىتىردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە جىددىي ھالەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئورگىنى (FEMA) نىڭ مەسئۇللىرى تۋىتتېردا رايوندىكى كىشىلەرگە قىلغان ياردەملىرىنى ئورتاقلاشتى.

مىسسىسىپى ئىشتاتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋالىيسى تاتې رېۋېس پۇقرالارنى بىخەتەرلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

دۆلەتلىك ھاۋا رايى ئىدارىسى 23 - مارت كەچتە، ئاپەتتىن ئىلگىرى ئىشتاتنىڭ روللىڭ فورك رايونىغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقان قۇيۇن ئاپىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى.

ئاگاھلاندۇرۇشتا، «ھاياتىڭلارنى قوغداش ئۈچۈن دەرھال يوشۇرۇنۇڭلار» دېيىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر