سەلمان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1965641
سەلمان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋازارىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانغا تېلېفون قىلغان.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر، بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرى، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر