گېرمانىيەدىكى 24 سائەتلىك ئىش تاشلاش ئەندىشە ياراتماقتا

گېرمانىيەدە ئەڭ چوڭ ئىككى قاتناش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىش تاشلاش قارارى سەۋەبىدىن بۈگۈن (27-مارت) ئاممىۋى قاتناشنىڭ توختاپ قېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

1965504
گېرمانىيەدىكى 24 سائەتلىك ئىش تاشلاش ئەندىشە ياراتماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن يېرىم كېچىدىن ئېتىبارەن گېرمانىيەدە باشلانغان ۋە 24 سائەت داۋاملىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىش تاشلاش پائالىيىتىنىڭ ئايرودوروم، پورت، تۆمۈر يول، ئاپتوبۇس ۋە مېترولارغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئەزالىرى مەملىكەت مىقياسىدا تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى ئىش ھەققى تەلەپ قىلماقتا.

باشقا ئاممىۋى مۇلازىمەت تارماقلىرىدا نۇرغۇن كىچىك ئىش تاشلاشلار بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى ئىش تاشلاشنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئىش تاشلاش بولىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.

ئىش تاشلاشقا قاتناشقان «Verdi» ۋە «EVG» ئويۇشمىلىرى گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيۇشمىلار قاتارىدا سانىلىدۇ.

«Verdi» ئۇيۇشمىسى، ئاممىۋى قاتناش ۋە ئايرودۇرۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاممىۋى ساھەلەردە تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ خىزمەتچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

«​​​​​​​EVG» ئۇيۇشمىسى بولسا، گېرمانىيە دۆلەتلىك تۆمۈر يول «Deutsche Bahn» شىركىتى ۋە باشقا ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركەتلىرىدە تەخمىنەن 230 مىڭ خىزمەتچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر