ئامېرىكادىكى قۇيۇن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 26 گە يەتتى
ئامېرىكانىڭ مىسسىسىپى ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 26 گە ئۆرلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان مىسسىسىپى ئىشتاتىدا قۇيۇن ۋە قاتتىق گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرنىڭ زىيىنى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا.
مىسسىسىپى جىددى ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى (MEMA) نىڭ باياناتىدا، قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن مىسسىسىپى ئىشتاتىدا 25 كىشى ۋە ئالاباما ئىشتاتىدا 1 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەمدە رايوندا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئىشتاتتا زور بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلغان قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئۆي ۋە ئىمارەتلەر زىيانغا ئۇچرىدى، ئېلېكتر لىنىيەلىرى ۋە دەرەخلەر يىقىلىپ، مىڭلىغان كىشى توكسىز قالدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رايونغا فېدېراتىپ ياردەم يوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: « بۇ ۋەيران قىلغۇچ بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پۇقرالىرىمىزغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان ھەممە ئىشنى قىلىمىز» دېدى.