بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى خىتاي زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋا ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبىدىن خىتاي زىيارىتىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
1965093

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا: «تېببىي تەۋسىيە بىلەن پىرېزىدېنت لۇلا دا سىلۋا خىتاي زىيارىتىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى. ھۆكۈمەت كېچىكتۈرۈش تەلىپىنى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى ۋە يېڭى بىر زىيارەتنى پىلانلاش تەلىپىنى يەتكۈزدى» دېيىلدى.
77 ياشلىق لۇلا دا سىلۋا ئالدىنقى كۈنى دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە باشلانغان «28-نۆۋەتلىك ئىبېرو-ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنى» غا خىتاي زىيارىتى بىلەن پۇتلىشىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن قاتناشمىغان ئىدى.
2003 – يىلىدىن 2010 يىللىرىغىچە بولغان ھاكىمىيەت مەزگىلدە بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى.
خىتاي 2009 - يىلدىن بۇيان بىرازىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان ئىدى.