ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى دائىرىسىدە خىتايغا قارشى ئىككى كۈنلۈك دېڭىز ئارمىيەسى مانېۋىرى ئۆتكۈزدى.
1964923


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «2023 - يىلى 23 - ۋە 24 – مارت كۈنلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا، 2022 - يىلى 2 – دېكابىردىكى ياۋروپا-ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەت يىغىنىدا پۈتۈشكىنى بويىچە بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.