سۈرىيەدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
سۈرىيەنىڭ ھەسەكى ۋىلايىتىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھەربىي بازىسى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن (23-مارت) شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 يېرىمدا بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش بازىسىغا ھۇجۇم قىلغان.
ھۇجۇمدا بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئالتە ئامېرىكا ئەسكىرى يارىلانغان.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىننىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىرانغا تەۋە بولۇپ، ئاخبارات توپلاش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدىكەن.
ئوستىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەن: «مەن پىرېزىدېنت بايدىننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىغا، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسى بىلەن چېتىشلىقى بار گۇرۇپپىلار ئىشلىتىدىغان مۇئەسسەسەلەرگە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بەردىم. ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بۇ ھۇجۇمى، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈنكىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يېقىندىن بۇيان سۈرىيەدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە قىلغان بىر قاتار ھۇجۇملىرىغا جاۋاب تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلدى.»
مىنىستىر ئوستىن ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ھۇجۇمىنىڭ، ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنى قوغداش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىش خەۋپىنى ئازايتىش نىشان قىلىنغان ھۇجۇم ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
