شىمالىي كورېيە «ئادەمسىز سۇ ئاستى يادرو قورالى» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

شىمالىي كورېيە  پارتلاش ئارقىلىق چوڭ تىپتىكى رادىيوئاكتىپلىق دېڭىز دولقۇنى پەيدا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە «ئادەمسىز سۇ ئاستى يادرو قورالى» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

1964755
شىمالىي كورېيە «ئادەمسىز سۇ ئاستى يادرو قورالى» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە  پارتلاش ئارقىلىق چوڭ تىپتىكى رادىيوئاكتىپلىق دېڭىز دولقۇنى پەيدا قىلىش، دۈشمەن ئورۇنلىرىغا يوشۇرۇنچە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە «ئادەمسىز سۇ ئاستى يادرو قورالى» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — KCNA، مەزكۇر «مەخپىي قورال»نىڭ سەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي ھامميوڭ ئۆلكىسى دېڭىز تەۋەلىكىگە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سۇنىڭ 80 بىلەن 150 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدا 59 سائەت ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدا پارتىلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كورېيەچە دېڭىز بورىنى دېگەن مەنىدىكى «خائېئىل» دەپ ئاتالغان قورالنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ» رادىيوئاكتىپلىق دېڭىز دولقۇن ھاسىل قىلىش ئارقىلىق دۈشمەن پاراخوتلىرى ۋە پورتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ۋەزىپىسى ھەرىكەت دائىرىسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكلىرىگە ئوغرىلىقچە كىرىپ، سۇ ئاستىدا پارتلاش ئارقىلىق زور كۆلەملىك رادىيوئاكتىپلىق دېڭىز تاشقىنىنى قوزغىتىپ، دۈشمەنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ئاساسلىق پورتلىرىنى يوقىتىپ تاشلاش» تىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن مەزكۇر ئىستراتېگىيەلىك سۇ ئاستى قورال سىستېمىسىنى ھەر قانداق دېڭىز قىرغىقى، پورت ياكى پاراخوتلارغا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن دۈشمەننىڭ شىمالىي كورېيەگە تاجاۋۇز قىلىش يولىدىكى ھەر قېتىملىق ئۇرۇنۇشىنى تارمار قىلىش، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ بىپەرۋالارچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىگە تېخىمۇ كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىدى.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى تاماملىشى بىلەن تەڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدا جىددىيلىك كۈچىيىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر