گۇتېررېس: كىلىمات ئۆزگىرىشى دۇنيانى ياشىغىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ دۇنيانى ياشىغىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس دۇنيا مېتېرولوگىيە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باش كاتىپ گۇتېررېس باياناتىدا، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى 1.5 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن ھالەتتە ساقلاپ قالالماسلىقنىڭ بۇ دۇنيانى « كىلىمات ئاپىتى» گىردابىغا ئىتتىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە ھەممە كىشىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۇ ئېنېرگىيە ۋە قاتناش سىستېمىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى، تاشقاتما يېقىلغۇ ئىشلىتىشكە بولغان بېقىنىشنى ئازايتىش ئارقىلىق قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
گۇتېررېس كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئۈچۈن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ماددىي ۋە تېخنولوگىيە جەھەتتىن قوللاش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ 2023-يىلىنىڭ «ۋاقتنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت ئىشلەشكە تېگىشلىك ئۆزگىرىش يىلى» بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: « كىلىمات ئۆزگىرىشى دۇنيانى ياشىغىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. ئەمدى بىز تەبىئەتكە قارشى بىھۇدە ئۇرۇشلىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

فىرانسىيەدە بىر قاۋاقخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
فىرانسىيەنىڭ گرېنوبل شەھىرىدىكى بىر قاۋاقخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 2 سى ئېغىر 12 كىشى يارىلاندى.