ئىران، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەلىك دىپلوماتلار ئوسلودا كۆرۈشتى

ئىران، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلار نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا بىر يەرگە جەم بولدى.

1964189
ئىران، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەلىك دىپلوماتلار ئوسلودا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە باش سۆھبەت ۋەكىلى ئەلى باكىرى ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەدىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلار بىلەن نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئۇچراشقانلىقىنى جاكارلىدى.

باكىرى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەدىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلار بىلەن نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا بىر يەرگە جەم بولدۇق.  ئۇچرىشىشتا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئەندىشىلەرگە ئالاقىدار ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلدۇق.»

ئۇ ئىراننىڭ «ئۆز قاراشلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بەزى خاتا مۆلچەرلەرگە قارشى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغان ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويمايدىغانلىقىنى» ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «دېپلوماتىيە يولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق چارە – تەدبىرلەر ئارقىلىق مىللىي مەنپەئەتلىرىمىزنى ئالغا سىلجىتىش ئرادىمىز قەتئىيدۇر.»

باكىرى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەل بولمىغان تالاش- تارتىشلار سەۋەبىدىن بۇلتۇر سېنتەبىردە توختىتىلغان يادرو سۆھبىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر