ئاننالىنا بائېربوك شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ئورنىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بائېربوك شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ئورنىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1964162
ئاننالىنا بائېربوك شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ئورنىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باربوك شىمالىي ماكېدونىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ: «شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ئورنى باشقا غەربىي بالقان شېرىكلىرىمىزگە ئوخشاشلا ياۋروپا ئىتتىپاقىدۇر. بىز بۇ جەھەتتە ئەستايىدىل، شۇڭا ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق سۆھبەتلىرىنىڭ رەسمىي يوسۇندا باشلىنىشىدىغانلىقىدىن گۇمانلانماسلىقى كېرەك» دېدى.

شىمالىي ماكېدونىيە خەلقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىگە بولغان زور ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن ھەم پۇرسەت، ھەم خەۋپ ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان بائېربوك، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ بىر خەۋپ، چۈنكى يېقىنقى 17 يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بارلىق ئىلگىرىلەشلەر ۋە بەزىدە يۈز بەرگەن ئازابلىق يول قويۇشلارغا قارىماي، ياۋروپا ئىتتىپاقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويساق، ماكېدونىيەلىكلەرنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر