لوندوننىڭ داڭلىق كوچىسى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم يورۇتۇلدى
ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوننىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بىرى بولغان كوۋېنترى كوچىسى رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم ئالاھىدە يورۇتۇلدى.



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوندون شەھىرىنىڭ مۇھىم ساياھەت رايونلىرىدىن بىرى بولغان كوۋېنترى كوچىسى «رامىزان ئېيىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!» دېگەن خەت يېزىلغان 30 مىڭ لامپۇچكا بىلەن يورۇتۇلدى.
رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن كوۋېنترى كوچىسىنى 30 مىڭ لامپۇچكا بىلەن يورۇتۇش خىزمىتى لوندون شەھەر باشلىقى سادىق خان قاتناشقان مۇراسىم بىلەن باشلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، كوۋېنترى كوچىسىنى 30 مىڭ لامپۇچكا بىلەن يورۇتۇش خىزمىتىنى «ئەنگلىيەنىڭ رامىزان چىراغلىرى» جەمئىيىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت لوندونلۇقلارنىڭ رامىزان ئېيىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش ئىكەن.
بۇ جەمئىيەت مەزكۇر خىزمىتى ئۈچۈن ھېچقانداق ھەق ئالمايدىكەن.
كوۋېنترى كوچىسىنى 30 مىڭ لامپۇچكا بىلەن يورۇتۇش لوندونلۇقلاردىن باشقا، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭمۇ زور قىزىقىشىنى قوزغىغان.
كوۋېنترى كوچىسىنى 30 مىڭ لامپۇچكا بىلەن يورۇتۇش خىزمىتى بۈگۈندىن باشلاپ 23 – ئاپرېلغىچە شۇ جاي ۋاقتى ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 دىن كېچە سائەت 1 گىچە داۋاملىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

سومالىدىكى بىر بالىلار باغچىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن بالا قازا قىلدى
سومالىدىكى بىر بالىلار ئويۇن باغچىسىدا راكېتامىيوت پارتلاپ، 22 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.