شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى مۇجىمەللىكى داۋاملاشماقتا

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىكى توقۇنۇشنى توختىتىش ۋە مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش چاقىرقى ئېلان قىلدى.

1963278
شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى مۇجىمەللىكى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (21-مارت) خىتاي رەئىسى شى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى.

«يېڭى دەۋردىكى ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش» ماۋزۇلۇق باياناتتا، تەرەپلەر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنىڭ دىيالوگ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىدىغان ۋە توقۇنۇشنى ئۇزارتىپ، كىرىزىسنىڭ كونترولدىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان قەدەملەردىن ساقلىنىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

شى بىلەن پۇتىننىڭ بىرلەشمە باياناتىدا، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىرىزىسقا تۇتقان پوزىتسىيەسى يېپىق ھالدا تەنقىد قىلىنىپ: «تەرەپلەر ھەر قانداق دۆلەت ياكى دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە زىيان سېلىپ، ھەربىي، سىياسىي ۋە باشقا ساھەلەردە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشىگە قارشى تۇرىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، رۇسىيە تەرەپنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە بالدۇرراق قايتىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى ۋە خىتاينىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشتا ئىجابىي رول ئويناش ئىرادىسى، بۇ جەھەتتىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى مەدھىيە بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن خىتابنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ داۋاملىشىشى توغرىسىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى.

پۇتىن خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق پىلانىنىڭ نۇرغۇن ماددىلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسىگە ئۇيغۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ تەكلىپلەرنى غەرب بىلەن كىيېۋ تەييار بولغاندا مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ، دەپ ئويلايمىز. ئەمما، ھازىرغا قەدەر بىز ئۇلارنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرەلمەيۋاتىمىز» دېدى.

ئامېرىكانىڭ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا بولسا، رەھبەرلەرنىڭ ئۇكرائىنا توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنىڭ ئۇرۇشنىڭ پات يېقىندا ئاخىرلىشىشىغا قارىتا  ئۈمىد بېرەلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى تەرەپلەرنىڭ ب د ت نىزامنامىسىنىڭ مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ب د ت نىڭ يەنە بىر ئەزاسى بولغان ئۇكرائىنا زېمىنىدىن رۇسىيەنىڭ چېكىنىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «خىتاي ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدىغان بولسا، چوقۇم رۇسىيەگە ئۇكرائىنادىن چېكىنىشى توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر