ئامېرىكا ھىندىستان كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرىدىكى ھىندىستان كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.
1962692

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان تىۋىتتېردىكى ئاردېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «سان فىرانسىسكو شەھىرىدىكى ھىندىستان كونسۇلخانىسىغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەيمىز. بىز بۇ مۇلازىمەت بىنالىرى ۋە ئۇ يەردە ئىشلەۋاتقان دىپلوماتلارنىڭ ئامانلىقى شۇنداقلا بىخەتەرلىكىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىمىز. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ جەھەتتە تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا يەرلىك ساقچى ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.