ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىيو كىشىدا ھىندىستاندا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولماقتا
ياپونىيە باش ۋەزرى فۇمىيو كىشىدا ھىندىستاندىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىدە، «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» (FOIP) تەسەۋۋۇرى بىلەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا زىيارەت جەريانىدا، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن ياپونىيە-ھىندىستان ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئالەمشۇمۇل شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى شۇنداقلا «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» (FOIP) تەسەۋۋۇرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.
كىشىدا ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتتىن ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق خىرىسلارنى يېڭىش ۋە ھىندىستان-ياپونىيە ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ئالەمشۇمۇل شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتە ئوينايدىغان رولىنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ يېڭى دېھلىدىكى زىيارىتى جەريانىدا «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» (FOIP) تەسەۋۋۇرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى پىلانىنىمۇ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئاسىيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دېموكراتىك دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھىندىستان بىلەن ياپونىيەنىڭ تەۋرەنمەس ئىشەنچ ۋە قويۇق ماسلىشىشى رايوندا تىنچلىق ھەمدە گۈللىنىشنىڭ ئۇل تېشى بولىدۇ، دەپ قارايمەن» دېدى.
ئۇ يەنە بىر باياناتىدا، ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنى خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 7-G دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىغا رەسمىي تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىككى رەھبەر ياپونىيەنىڭ 7-G دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى ۋە ھىندىستاننىڭ 20-G دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۆزئارا ھەمكارلىق تېمىلىرىنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

دۇنيا مەتبۇئاتى ئەردوغاننىڭ سايلام غەلىبىسىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى
دۇنيا مېدىياسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلام غەلىبىسىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.