ب د ت تۈركىيەگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ ئۇزارتىلىشىنى دىپلوماتىك ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇجارىك قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ ئۇزارتىلىشى توغرىسىدا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «2022 - يىلى22 - ئىيۇلدا ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان «قارا دېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسى» كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلدى. بۇ تەشەببۇس ئۇكرائىنانىڭ بەلگىلەنگەن پورتلىرىدىن ئاشلىق ۋە مۇناسىۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى شۇنداقلا ئوغۇتلارنى بىخەتەر توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېدى.
دۇجارىك كېلىشىمنىڭ ئالدىنقى ئىككى مەزگىلدە 25 مىليون توننا ئاشلىق ۋە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى 45 دۆلەتكە توشۇش ئارقىلىق دۇنيادا يېمەكلىك باھاسىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىگە ۋە بازارنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردەمچى بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسى كېلىشىمىنى دىپلوماتىك ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى.
دۇجارىك رۇسىيەنىڭ يېمەكلىك ۋە ئوغۇت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا بازىرىغا تونۇتىلىشى ۋە تارقىتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يەر شارى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
دۇجارىك باياناتىدا يەنە: «بىز ھەر ئىككى كېلىشىمگە قەتئىي سادىق بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۇنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشقا چاقىرىمىز» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن ئاجراتتى.
ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى 2022 - يىلى 22 - ئىيۇلدا ئىستانبۇلدا تۈركىيە، ئۇكرائىنا، رۇسىيە ۋە ب د ت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بولۇپ، 2022 - يىلى 19- نويابىردا 120 كۈن ئۇزارتىلغان كېلىشىمنىڭ مۇددىتى تۈنۈگۈن توشقان ئىدى.