زېلېنىسكىي ئېستونىيە ئەلچىسىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي دۆلىتىنىڭ ئېستونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارىئانا بېتسانى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى پەرمانغا ئىمزا قويدى.
1961642

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تور بېتى، پىرېزىدېنت زېلېنسكىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ تاللىندىكى باش ئەلچىسى بېتسانىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى توغرىسىدىكى پەرمانىنى ئېلان قىلدى.
زېلېنسكىي ئىمزالىغان يەنە بىر پەرماندا، بېتسانىڭ ئورنىغا ماكسىم كونونېنكونىڭ تەيىنلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
